Surah 97
سورة القدر
Al-Qadr
The Power, Fate · Meccan · 5 Ayahs
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
In the name of Allah, the Most Gracious, the Most Merciful
بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق
شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ
شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ - ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر