Surah 95
سورة التين
At-Tin
The Fig · Meccan · 8 Ayahs
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
In the name of Allah, the Most Gracious, the Most Merciful
ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،
سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،
بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،
بىز ئىنساننى شەك - شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق
ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق
پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ
(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟
اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟